قۇرئان كەرىم » ئ?يغ?رچ? » كىتابلار » نىجاتلىق يولى
نىجاتلىق يولى
« نىجاتلىق يولى» ناملىق بۇ ئەسەر مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز قاراجىم تەرىپىدىن مۇھەممەد ئىبنى سالىم ئىبنى ھۇسەيىن ئەلبەيھانى نىڭ «جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش»دىگەن شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ ئوزگەرتىپ ئىشلەندى.بۇ كىتاپ ئوزىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن دىنى, ئىجتىمائى, ئەخلاقى, ئىقتىسادى قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا ئۇچرايدىغان ئومۇمى مەسىلىلەرگە ئوچۇق دېئاگۈنۇز قويۇش بىلەن بىرگە جانلىق مىساللار بىلەن كىتاپخانغا ئۆچۇق يورۇتۇپ بىرىدۇ.يازما : مۇھەممەد ئىبنى سالىم ئىبنى ھۇسەين ئەلبەيھانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52008
كىتابلار
- ئائىلە تەربىيەسى«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئابدۇرەشىد قاراجىم ئبنى سابىت - ھاجى ئابدۇرەشىد قارى ئبنى سابىت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/74693
- غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى«غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.
يازما : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابددۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52503
- دىن ۋە ھايات«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 1600 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/250185
- قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن«قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن» ناملىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىمنىڭ تېرمىنولوگىيىلىك ئاتالغۇلىرى ئىچىدىن مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان، ئىلاھ، رەب، دىن، ئىبادەتدىن ئىبارەت ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان مەزكۇر ئاتالغۇلارغا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ تېرمىنلارنى چۈشۈنىشتىكى بەزى خاتالىقلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۆچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى http://www.uyghurweb.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/334055
- دىنىمنى ئۆگۇنىمەن«دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.
يازما : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.مەجىد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/58616












