قۇرئان كەرىم » ئ?يغ?رچ? » كىتابلار » ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.يازما : دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52882
كىتابلار
- مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.
يازما : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/71082
- مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info
Source : http://www.islamhouse.com/p/218413
- ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپقولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.
يازما : ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان
Source : http://www.islamhouse.com/p/18239
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275
- ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
يازما : مەھمۇد شاكىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/71603












